باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدا 1126 كۈن بىخەتەر ئايلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2013.02.07 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئېلىمىز بويىچە تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېنېرگىيە يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۇرۇبىدا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش باشلانغان 2009 – يىلى 12 – ئايدىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، 1126 كۈن بىخەتەر ئايلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى غەربتە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق ئېلىمىز چېگراسىغا كىرىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1833 كىلومېتىر بولۇپ، چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 – لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. 2009 – يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ A، B قوش لىنىيەدە گاز يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، 2012 – يىلى 9 – ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى S لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، ھازىر تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. پىلانغا ئاساسەن S لىنىيە ۋە يۈرۈشۈۋاتقان A ، B لىنىيە بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 55 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ مۇقىم گاز يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئىدارىسى تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش جەريانىنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، 24 سائەت نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە