باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پولشا تەرەپ زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان خەلقئارالىق شايكىنى قولغا چۈشۈردى

2013.02.06 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. پولشا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پولشا ساقچى تەرەپ پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسىدىمىكى لودېز شەھىرىدە، بىر زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان خەلقئارالىق شايكىنى تۇتۇپ، ئامفىتامىنغا كېرەكلىك بولغان خام ماتېرىيالنى ياسايدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بىتچىت قىلىپ، ئۈچ نەپەر چەت ئەللىكنى قولغا ئالغان.

  ساقچى تەرەپ، 2012-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ شايكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقرىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. يېقىنقى ھەرىكەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ شايكىنىڭ ئامبىرىدىن 1400 لېتىر نەچچە توننىدىن ئارتۇق ئامفىتامىن ئىشلەپچىقرالايدىغان خام ماتېرىيالنى ئىزدەپ تاپقان. تۇتۇلغان ئىككى نەپەر بىلگىيەلىك ۋە بىر نەپەر گوللاندىيەلىك 35-55 ياش ئارىسىدا ئىكەن. ساقچى تەرەپ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمنىڭ تۇرالغۇسىدا تاپانچا ۋە ئوق بارلىقىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپ بۇ شايكىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە