- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي شېنمۇ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى
2013.02.06 15:42 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چۇ گوچياڭنىڭ 5-فېۋرال شىئەندىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، يەرلىك ساقچى تەرەپ 27-يانۋار «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەينىڭ دۆلەت ئورگىنى ھۆججىتى ۋە تامغىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايىتى ئۈستىدىن دىلو تۇرغۇزغان.
4-فېۋرال، يۈلىن شەھەرلىك ۋە شېنمۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئىجازىتى بىلەن، تەرتىپ ۋە قانۇن بويىچە ھازىرمۇ شېنمۇ ناھىيىسى ۋە يۈلىن شەھرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان گوڭ ئەيئەي جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ھازىر ئۇ يۈلىن شەھرى ئىچىدىكى بىر قاماقخانىغا قاماقتا.
«ئۆي ھەدىسى»نىڭ بېيجىڭدا 41 يۈرۈش ئۆي-مۈلكى بارلىقى ئاشكارىلاندى
«ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە