باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «سوۋغات بېرىش» ئېلانىنى چەكلەپ، بۇ ناتوغرا قىممەت قارىشى تارقاتقانلىق دەپ قارىدى

2013.02.06 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېقىندا رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى « رادىيو-تېلېۋىزورلاردىكى ‹سوۋغات بېرىش› ئېلانىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن «سوۋغات بېرىش» مەزمۇنى بار بولغان ئېلانلارنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر قىسىم رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسلىرىنىڭ قىسمەن ئېلانلىرىدا «سوۋغات بېرىشتىكى بىرىنچى تاللىشىڭىز»، «رەھبەرلەرگە سوۋغا قىلىڭ»، «يۇقىرىدىكىلەرنىڭ يۈزىنى قىلغان بولىسىز» دېگەن ئىدىيە تەشۋىق قىلىنغان «سوۋغات بېرىش» مەزمۇنى بار، ھەمدە سوۋغاتلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق سائەتلەر، قىممەتلىك پوچتا ماركىسى، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە تەڭگە قاتارلىقلار بار بولۇپ، ناتوغرا قىممەت قارىشىنى تارقىتىپ، ئاسانلا ناچار جەمئىيەت ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك رادىيو، كىنو ساھەلىرىدىكى مەمۇرىي تارماقلارنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلان قويۇلۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ھەر قايسى جايلاردىن ئاممىۋىي تەشۋىقات ئېلانى ئىشلەش، قويۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈنۈملۈك تەشۋىقات قىلىپ، ئۈنۈمگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خۇشال ۋە ياخشى بولغان جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە