باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى 2-تۈركۈم كىتابلار نەشردىن چىقتى

2013.02.07 14:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

-فېۋرال ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى›› بويىچە 2-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىلىدىغان كىتابلار
  5-فېۋرال ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى›› بويىچە 2-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىلىدىغان كىتابلارنى ئاساسىي قاتلامغا ھەدىيە قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى ۋە سانجىدا باشلاندى.

  ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى›› ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. 2012-يىلى 1-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىلىدىغان ئەسەرلەردىن 50 قىسىم نەشر قىلىندى ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرگە ھەدىيە قىلىنىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى›› بويىچە 160 قىسىمدىن ئارتۇق كىتاب ۋە تەرجىمە قىلىنىدىغان 40 قىسىمدىن ئارتۇق كىتاب توپلانغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق 70 قىسىم كىتاب ياردەم بېرىلىدىغان كىتاب تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 30 قىسىم كىتاب ئەدەبىي ئىجادىي ئەسەرلەر، 35 قىسىمى ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەردىن ئىبارەت.

  2-تۈركۈمدە نەشر قىلىنغان 70 قىسىم كىتابتىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچىدىن ئىبارەت بەش خىل تىلدا بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئەكس ئەتكەن دەۋر ئۆزگىرىشىنى، شىنجاڭچە روھنى، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار مۇجەسسەملەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە