باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولۇچى بېلەتنى باشقا جايدا قايتۇرماقچى بولغاندا رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان

بېلەتنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىشقا بولىدىكەن، قايتۇرۇشقا بولمايدىكەن

2013.02.06 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بىر يولۇچىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىغا سېتىۋالغان پويىز بېلىتىنى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن بىۋاسىتە قايتۇرالمىغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سەپەر پىلانى ۋاقتلىق ئۆزگىرىپ قالغان يولۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىۋالغان پويىز بېلىتىنى باشقا جايدا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ دەيدىغان قىيىن مەسىلىگە يولۇقتى.

  «ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىۋالغان بېلەتنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، نېمىشقا بىر تۇتاش قايتۇرغىلى بولمايدۇ؟» بۇ سوئال نۇرغۇن يولۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىۋالغان پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش تۈزۈمى يەنە بىر قېتىم گۇمان قوزغىدى. ھەقىقىي ئىسىمدىكى پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ ئىنچىكە باشقۇرۇش كېرەك، دېگەن سادالار كۆپىيىشكە باشلىدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  بېيجىڭدا چاغاندىن بۇرۇنقى 700 مىڭ پارچە پويىز بېلىتى ئېلىۋېلىنمىدى

  مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول، تاشيوللاردا بايرامنىڭ ئالدىدىكى يۇقىرى پەللە يېتىپ كەلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە