2013-يىل 3-فېۋرال سائەت 21 ئەتراپىدا، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھرىنىڭ ۋېنشى-خىڭچۈ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 50تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئارقىمۇئارقا سوقۇلغان. دەسلەپكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ھادىسىدە 4 ئادەم قازا قىلغان، 24 ئادەم يارىلانغان. نەق مەيداندىكلەرنىڭ دېيىشىچە، ئارقىمۇئارقا سوقۇلغان ئاپتوموبىل ئاز دېگەندە 50تىن ئاشىدىكەن، ھەتتا 80دىن ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىنكەن. نۆۋەتتە، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا.