- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاۋسترالىيەلىك بىر ئەر كۈندە 8 لىتىر كولا ئىچىپ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكەن
2013.02.07 13:24 مەنبە: خەلق تورى
ئەگەر سىزمۇ كولا ئىچىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا ئاۋسترالىيەلىك بىر ئەرنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ئاڭلىسىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى تىزگىنلەيسىز. ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن بىر ئەر كۈندە 8 لىتىر كولا ئىچكەنلىكتىن، ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر يالغان چىشىغا تايىنىپ تاماق يەيدىكەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىش دوختۇرى ئۇنى قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيەلىك مېھمانخا مۇلازىمى ۋىليام كەنىۋېل بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ۋىليام كەنىۋېل پۈتۈنلەي يالغان چىشقا تايىنىپ تاماق يەيدىغان بولۇپ قالغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە