باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

نەسرىدىن ئەپەندىگە دائىر قانچىلىك فىلىم ئىشلەنگەن؟

2013.02.13 19:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەسرىدىن ئەپەندى نامى بىلەن باغلانغان لەتىپىلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئىران، ئافغانىستان ۋە ئەرەب ئەللىرى خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا ھەرخىل تىل ۋە يېزىقتا سان–ساناقسىز كىتابلار نەشر قىلىنغان.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە ئاساسەن سېنارىيەلەشتۈرۈلۈل تۆت ھېكايە فىلىم ئىشلەنگەن. 1943–يىلى ئۆزبېكىستان تاشكەنت كىنو ئىستۇدىيەسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «نەسرىدىن بۇخارادا» ناملىق رەڭسىز ھېكايە فىلىم نەسرىدىن ئەپەندىم لەتىپىلىرىگەئاساسەن ئېكرانلاشتۇرۇلغان ئەڭ بۇرۇنقى ھېكايە فىلىم بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر فىلىمگە ئۆزبېكىستان كىنو سەنئەتكارى نەبى غېنىيىف رېژىسسورلۇق قىلغان. 1950–يىللاردا بۇ فىلىم مەملىكىتىمىزدە رەسمىي قويۇلغاندا، خەنزۇچە نامىنى «شاپائەتچى نەسرىدىن ئەپەندى» دەپ ئاتىغان.

  1960–يىللاردا تاجىكىستاندىمۇ نەسرىدىن ئەپەندىگە ئائىت ئىككى فىلىم ئىشلەنگەن. 1960–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەشھۇر سېنارست ۋە كىنو رېژىسسورى بېك نازاروۋۇ يازغۇچى لېئوند سولويوۋنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىنى كىنولاشتۇرغان.

  1967–يىلى مەزكۇر كىنو ئىستۇدىيەسى يەنە «نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ ئون ئىككى قەبرىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمنى ئىشلىگەن.

  ئېلىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازى ئۈچ قېتىم ئېلىپ چىقىلغان. بۇنىڭ بىرى، بېيجىڭ كىنو ئىستۇدىيەسى 1981–يىلى قەشقەردە سۈرەتكە ئالغان «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق ھېكايە فىلىمدۇر. فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى شىنجاڭلىق داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ يۇخۇ بىلەن شياۋ لاڭ يازغان، فىلىمگە شياۋ لاڭ رېژىسسولۇق قىلغان. بۇ فىلىمدىكى نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ رولىنى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە ئارتىش بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇيغۇن ئەھمىدى ئالغان. فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ھەمدە فىلىپىننىڭ پايتەختى مانىلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو بايرىمىغا، ئارقىدىنلا تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىنو بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان. يەنە بىرى، 1985–يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاتاقلىق دىراماتۇرگ شۈكۈر يالقۇننىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق سېنارىيەسىگە ئاساسەن ئىشلىگەن فىلىمدۇر. بۇ فىلىم ئالتە قىسىم بولۇپ، ئەپەندىم رولىنى شىنجاڭ ناخشا– ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق لەپەر ئارتىسى مۇھەممەد داۋۇت ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە جەلپ قىلارلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تونۇلغان يازغۇچى ئەكبەر غۇلام بىلەن ئەختەم ئۆمەر كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق 100 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى يېزىپ چىقتى. بۇ فىلىەم 2002–يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىندى. نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنى شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ئارتىسى مىرادىل ئابلىمىت ياراتتى.

  دېمەك، بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، نەسرىدىن ئەپەندىگە دائىر كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ قېتىم ئىشلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى. («تەڭرىتاغ ئېكرانى» ژۇرنىلىنىڭ 2011–يىللىق 1–سانىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە