- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گوۋۇيۈەن: كېلەر يىلى كۈزدىن باشلاپ ئاسپىرانتلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدۇ
2013.02.07 16:33 مەنبە: خەلق تورى
تۈنۈگۈن، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 2014-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بارلىق يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىش قارار قىلىندى.
ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانلارنىڭ ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاسپىرانت تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ھەق ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بېكىتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە