جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بېيجىڭ ۋاقتى 7-فېۋرال. بارسېلونا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ تور بېكىتىدە مېسسى بىلەن 2018-يىلى يازغىچە توختام تۈزىگەنلىكىنى ئېلان قىلىندى.
بارسېلونا كوماندىسى ئۆتكەن يىلى مېسسى، پۇيول ۋە شاۋى بىلەن توختام مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئاخىرى ئۈچىنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشتى. مېسسى بەش يىللىق يېڭى توختامغا ئىمزا قويدى. توختام مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن مېسسى 31 ياشقا كىرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ بارسېلونادا ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇ تا ھازىرغىچە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بەش قېتىم ئىسپانىيە چېمپىيونى، ئىككى قېتىم پادىشاھ لوڭقىسى چېمپىيونى، بەش قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى چېمپىيون، ئۈچ قېتىم ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى چېمپىيونى، ئىككى قېتىم دۇنيا كۇلۇبلىرى چېمپىيونى بولۇشىغا شاھىت بولدى، بۇ جەرياندا ئۇ تۆت قېتىم ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ماكا گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسىنىڭ توختاملاشقاندىن كېيىنكى مائاشى تۇراقلىق مائاشى ۋە مۇكاپاتنى قوشۇپ 16 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن، باجدىن ئىلگىرىكى مائاشى 36 مىليون 400 مىڭ ياۋرو بولۇپ، كامېرون پۇتبۇلچىسى ئېتونىڭ (20 مىليون ياۋرو) مائاشىدىن قالسىلا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مېسسىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى 250 مىليون ياۋرو ئىكەن.