باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى(1)

2013.02.13 18:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش ۋەقەسى جۇڭگودىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناش ۋەقەسىدە يارلىنىپ مېيىپ بولۇۋاتىدۇ ۋە قازا قىلىۋاتىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشىنى ئازايتىش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيىسى پائالىيىتى»نى قوزغىغان. پائالىيەت قاتناش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى كۆرگەزمە قىلىش، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەردە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرىدىكەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، قاتناش ساقچىلىرى بۇنىڭغا قاتنىشىدىكەن.

  ھەر يىلى 11-ئايدىكى ئۈچىنچى يەكشەنبە دۇنيا تاشيول قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىش كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاشيول قاتناش ۋەقەسىدە ھەر يىلى 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، 50 مىليون ئادەم بۇ سەۋەبلىك مېيىپ بولۇپ قالىدۇ. 10 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان كىشلەر توپىنىڭ تاشيول قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك قازا قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە