- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ش ئۇ ئا ر بۇ يىل ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ تەرەققىياتىغا 160 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ
2013.01.29 16:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 160 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى ئاساس مائارىپنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى، ئاممىۋى خىراجەت تولۇقلىمىسى بېرىش، دەرستىن سىرت ئوقۇشلۇقلارنى ھەقسىز قىلىش، يەسلىلەرنىڭ رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، مۇكاپاتلاش، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يەسلى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە