باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: ئىسرائىلىيە ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئەمەلدارىنى ئۆلتۈردى

2013.02.16 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئىراننىڭ لىۋاندىكى باش ئەلچىسى ئاباد 14-فېۋرال بىيرۇتتا ئىسرائىلىيە ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان ئىران مەبلىغى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ھەسەن ساتتارنى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلىدى.

  شۇ كۈنى لىۋاننىڭ بەزى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى، سىياسىي ساھەدىكىلەر، پارتىيە گۇرۇھ مەسئۇللىرى ئىراننىڭ لىۋاندىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ 12-فېۋرال لىۋاندا قەستكە ئۇچرىغان ساتتارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ئاباد مۇنداق دېدى: ساتتار ھايات ۋاقتىدا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللىغان، ئۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ ھېچكىممۇ ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە