باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مۇتەخەسىسى: چاۋشيەن بىر ئۇران بومبىسى پارتلىتىشى مۇمكىن(1)

2013.02.16 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ بىر يادرو مۇتەخەسسىسى 6-فېۋرال مۇنداق دېدى: چاۋشيەن كېلەر قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلغاندا بىر ئۇران بومبىسىنى پارتلىتىشى مۇمكىن. ئۇ چاۋشيەن ھازىرغىچە بىردىن ئىككىگىچە ئۇران بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلدى.

  ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فراپپىسورى سېگفىرىد خېك سىئولدا بىر خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرىغا قاتنىشىۋاتقاندا كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ناۋادا چاۋشيەن يەنە يادرو سىنىقى بىلەن شۇغۇللانسا، بۇ چوقۇم قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئۇرانغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  خېك ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان يادرو قورالى مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ لوس ئالاموس دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيتتى. ئۇ چاۋشيەندە نۇرغۇن زىيارەتتە بولغان ھەمدە چاۋشيەننىڭ بىر قىسىم مۇھىم يادرو ئەسلىھەلىرى بار جايلارغا كىرگەن ئىدى.

  خېك مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئىلگىرى سان جەھەتتە ئۆزىنىڭ تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇران بومبىسى ياسايدىغانلىقى، پلۇتونىيدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بومبا ياسىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پلۇتونىي ئىشلەپچىقارمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى يېتەرلىك ئۇران ئىشلەپچىقارغان بولۇشى، بىر ياكى ئىككى يادرو بومبىسى ياساپ چىقالىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ماڭا كۆرسەتكەن زاۋۇتنىڭ يېنىدا يەنە بىر مەخپىي يۇقىرى قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇشى مۇمكىن.

  خېك 2010-يىلى چاۋشيەننىڭ يوڭبيوندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە چاۋشيەننىڭ بىر قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئەسلىھەسىدە 2000دىن ئارتۇق سېنترىفۇگ بارلىقىنى بايقىغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە