باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى %60 فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشى لاياقەتسىز

2013.02.16 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-فېۋرال خەۋىرى: سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى %60 فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشى لاياقەتسىز بولۇپ، ئۇچۇرنى نىزامدىكى تەلەپ بويىچە ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ كەتكەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيەنجۇڭ بۇنىڭغا قارىتا 2013-يىلى خەير ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىقىغا بولغان نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۈ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى:خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «خەير ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ پىكىردە، جامائەت پاراۋانلىقى خەير ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىقى يەنىمۇ تەكىتلەندى ۋە بۇ ھەقتىكى تەلەپلەر چىڭىتىلدى شۇنداقلا ئەمەلىيەت جەريانىدا نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە