باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى ماقۇللىدى

2013.02.16 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: NHKنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى 15-فېۋرال قارار ماقۇللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك جازا قوللىنىشنى بىردەك تەلەپ قىلغان.

  ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىدا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېغىر ئىغىۋارگەرچىلىك، ياپونىيە يادرو قورالىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىردىن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق قىلمىشقا يول قويمايدۇ. ياپونىيە بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، چاۋشيەندىن بارلىق يادرو پائالىيەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىمۇ 14-فېۋرال ئوخشاش قارار ماقۇللاپ ھۆكۈمەتتىن چاۋشيەنگە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە