باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى : چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى

2013.02.16 11:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 13-فېۋرال تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتا 13-فېۋرال بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتىگە ھەمدە شۇ رايوندىكى ئامېرىكا زېمىنىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

  پانېتا مۇنداق دېگەن: چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى بىر قېتىملىق ناھايىتى ئېغىر قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشى بولۇپ، بۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ. ئامېرىكا ئارمىيەسى بارلىق زۆرۈر ئاماللارنى قوللىنىپ، كورىيە ھەمدە باشقا رايونلاردىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن تەرەپ شۇ كۈنى ئۈچىنچى قېتىملىق يەر ئاستى يادرو تەجرىبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بولۇپ، خەۋەردە يەنە بۇ قېتىملىق يادرو تەجرىبىسىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا بولغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە