باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (1)

2013.02.07 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا بېرىلدى)

  ئەزالار:

  مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋاكالەت مۇددىتى ئۆتىگەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئەھۋالى تېز تەرەققىي قىلغان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى روشەن ياخشىلانغان مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچى بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقان ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە توغرا كەلدى. مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ نامايەندىسىدە شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرى يېڭى تارىخىي پەللىگە يەتتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئۈستۈنلۈكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى يولغا قويۇپ، غەنىيمەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئۈنۈملىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارقا – ئارقىدىن يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كاتتا قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىيات، بۈيۈك ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، دەپ قاراشتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەركەزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى توپلاش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق، ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدا تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  1. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەمىزنى ئادا قىلىپ، ئىلمىي ھالقىشنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسەتتۇق

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدە، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 5505 تەكلىپنى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇق، ئون تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇردۇق، 142 پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى تەييارلىدۇق، 580 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ يىغىن سۆز ماتېرىيالى تەييارلىدۇق، 336 پارچە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرى ئىنكاس قىلدۇق، 31 تۈردىكى قانۇن – نىزام تۇرغۇزۇشنى كېڭىشىشكە قاتناشتۇق. بۇ تەكلىپ – پىكىرلەر پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشتى ھەمدە بېجىرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش، قوللىنىش، خىزمەتلەردە پايدىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى ھەقىقىي كۈچكە ئايلاندۇرۇلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە