باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى ئوخشىمىغان دىندىكىلەرنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.02.16 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى ۋۇك جېرېمىك تۈنۈگۈن دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ تىنچ مەدەنىيىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جېرېمىك مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قورال كۈچىگە ئەمەس بەلكى سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»گە كىرگۈزۈلدى. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادا قارشىلىشىش، كەڭ قورساق بولماسلىق ۋە ئۇرۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  جېرېمىك: ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇن دىن نامىدىكى تالاش تارتىش ۋە ئۆچ ئاداۋەتلەر بولغان دېدى. ئۇ: گەرچە كىشىلەر ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، لېكىن بۇ دىنى ئېتىقادنىڭ يادرولۇق ئەخلاق مەقسىتىدە ئورتاقلىق بار، كىشىلەر مۇشۇ ئاساستا ئىختىلاپلارنى چۆرۈۋېتىپ، مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان دىندىكىلەرنىڭ توقۇنۇشى پەيدا قىلغان يارىنى ساقايتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە