باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا تەنھا ئائىلىلەر 10 مىليونغا يەتتى

2013.02.16 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق ئارام ئېلىش بۈگۈن ئاخىرلاشتى، بەزى ئالاھىدە ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەي، يالغۇز قالدى، ئۇلار تەنھا ئائىلىلەر دەپ ئاتىلىدۇ، نوپۇسشۇناسلار: ئېلىمىزدە تەنھا ئائىلىلەر كەلگۈسىدە ئون مىليونغا يېتىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: تەنھا ياشانغان كىشىلەر ئۈچتە قاراقسىز ياشانغانلار ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېقىلىدۇ دېدى.

  سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تەنھا ئائىلىلەردىن 76 مىڭى كۆپىيىدىكەن، دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارنى بېقىش كۈچىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى دوۋ يۈپېي ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش تەتقىق قىلىمىز دېدى.

  جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭ جۈنۋۇ مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنىدا تەنھا ياشانغانلارنى بېقىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىلدى، كەلگۈسىدە ئۆيىدە بېقىش ئاپپاراتى تەنھا ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى قىلىپ، تەنھا ياشانغانلارنى كۈتىدۇ.

  ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىلمىي مۇتەخەسسىسى دىڭ جاۋلىن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەتتە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىش بىلەن بىرگە ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇيۇشۇشىدىن ھاسىل بولغان قۇتقۇزۇش سىستېمىسى كەم بولسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە