جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن قىز ئەسكەر دىلنۇر ئەخمەت شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا ھال سورىغىلى بارغان كومىسسار يۆ شىشىنغا دوكلات قىلىپ: «قىسىمدىكى كادىرلار ۋە باشلىق بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز قىسىمنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەشقىگە تېزلا ماسلاشتۇق، مەن (ئىلگىرىلەش يۇلتۇزى) شەرىپىگە ئېرىشتىم» دېدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر قىز ئەسكەرگە ۋەكىل بولۇپ ئېيتقان ئىدى. ئۇلار 2012-يىلى 25-دېكابىر شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلار «شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق تاللانغان ئەسكەرلەر» شىنجىن بازىسى ئوقۇتۇش پولكىدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر بىلەن قاتتىق مەشقنى باشلىۋەتكەن ئىدى.