باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلدى

2013.02.16 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تېررورلۇق تەھدىتى كۈنسېرى ئېغىرىلىشىۋاتقان ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تارماقلىرى تېرورىزمغا زەربە بېرىش كۈچىنى داۋاملىق زورايىتىشى كېرەك.

  پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز سودا تەشكىلاتىنىڭ چەتئەلنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇردى. رۇسىيە رۇسىيەنىڭ ئىچكى تارمىقىنىڭ ئىشلىرىغا ھەر قانداق شەكىلدە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئارىلىشىشقا، رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى بېسىمغا قارشى تۇرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، لېكىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇردى، يېقىندىن بۇيان كۋاسنېۋىسكى تېز پويىزى پاتلاش دېلوسى، موسكۋا مىتروسى پارتلاش دېلوسى، موسكۋا ئايرودرومى پارتلاش دېلوسى قاتارلىق تېرورلۇق ۋەقەلىرى ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى. بولۇپمۇ شىمالىي كاۋكاز رايونىدا ئېكىسترمىزمچى بىلەن تېررورىزم كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى يەنىلا كۆپەيمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە