باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساركوزى 2017-يىلىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن

2013.02.16 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:فرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ساركوزى سىياسىي ۋە ئېقىم مەسەللىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، دائىم دېگۈدەك پارىژدىكى ئىشخانىسىدا ھەر قايسى دۆلەت زاتلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇ 2017-يىللىق فرانسىيەنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.

  فرانسىيەدە چىقىدىغان «فگارو» گېزىتىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇپپى يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ساركوزى ئېقىم مەسەللىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن، مېنىڭچە ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان دېگەن. جۇپپىنىڭ قارىشىچە ساركوزىنىڭ 2017-يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقۇسى بار ئىكەن.

  2012-يىلى ئۇدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ مەغلۇب بولغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە