باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.02.16 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 14-فېۋرال ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدا ئېنىق ۋەدە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئورگىنى شۇ كۈنى ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توسۇش ۋە يىلتىزىدىن يوقۇتۇش توغرىسىدىكى «بىر مىليارد كىشى دەس تۇرۇش» خەلقئارا جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە ماسلاشتى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار ئورنى كومىتېتى كېلەر ئايدا نيۇ يوركتا كەڭ كۆلەملىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاياللارغا ۋە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى توسىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن بىر مىليارد ئايال زوراۋانلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتىكەن.

  ھىندىستاندىكى %40 ئەر: ئاياللار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىسا گۇناھ ئاياللاردا

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە