باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭلىقلار ئۆز رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «ھەممىباپ» ئاپتوموبىلىنى ھەيدىيەلەيدۇ

2013.02.16 15:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 16-فېۋرال خەۋىرى: 2012-يىلى 5-ئايدا شاڭخەي «ھەممىباپ» ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تۈرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ مەخسۇس ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل ياساش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، 2013-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆز رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ‹‹ھەممىباپ›› ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئارزۇسىنى رېئالىققا ئايلاندۇرىدۇ.

  نۆۋەتتە، شاڭخەي «ھەممىباپ» ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىن 300 دىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلغان. شىركەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى مەخسۇس خادىم ئۆمەرجان توختى ئەسلىدە بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ گېرمان تىلى تەرجىمانى بولۇپ، ھازىر ئۇ بۇ شىركەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر7-ئايدىن باشلاپ، 300 دىن ئارتۇق خادىم شاڭخەيدە تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، 3-ئايلاردا قايتىپ كېلىدۇ، كېيىن ئۇلار ئۈسكۈنە ئالماشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىللار رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە