- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«ئات گۆشى سەتچىلىكى» يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىگنالىنى چالدى
2013.02.17 16:32 مەنبە: خەلق تورى
- فېۋرال گېرمانىيە يەنە 144 توننا گۇمانىي ئات گۆشى مەھسۇلاتى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر گېرمانىيەدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدا بىر قىسىم مەھسۇلاتلار سېتىشتىن توختىتىلىپتۇ.
15-فېۋرال ئەنگلىيە يېمەكلىك ئۆلچىمى ئىدارىسى تۇنجى قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، 2501 كالا گۆشى ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 29 ئەۋرىشكىدە ئاز دېگەندە %1 ئات گۆشى بارلىقى ئېنىقلانغان. 15-فېۋرال، نورۋېگىيەدىكى يېمەكلىك پارچە سېتىش تىجارىتىنىڭ سەركىسى ‐‐ «نورۋېگىيە گۇرۇھى» ئىمپورت قىلغان توڭ كالا گۆشى قىيمىلىق قاتلىمىنىڭ 60 پىرسەنتى كالا گۆشىدە ئەمەس، ئات گۆشىدە ئېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
15-فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە كالا گۆشى مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە