باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە مۇساپىرلىرى لىۋانغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

2013.02.17 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېمىسى: لىۋاننىڭ كۆرسىتىشىچە، سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ لىۋانغا كۆچۈپ كىرىشى لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىگە قۇبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن

  لىۋان ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋايلېنىڭ 14-فېۋرال بېيرۇتتا كۆرسىتىشىچە، قىيىنچلىق ئىچىدە قالغان سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى پەرەز قىلغىنىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ۋايلېنى شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاساسلىق سۈرىيىدىكى قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك دېگەن تېما ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەن.

  ۋايلېنىڭ يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا كۆرسىتىشىچە، سۈرىيە خەلقىنىڭ مەسىلىسى لىۋان جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. سۈرىيە خەلقى يۈزلەنگەن قىيىنچىلىق ۋە بېسىم لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى پەرەز قىلغاندىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەچكە، لىۋان سۈرىيە تەرەپنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرى بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەدىكى كۆپ قىسىم مۇساپىرلار لىۋان چېگرىسى ئىچىگە كىرسە، لىۋاننىڭ جەمئىيەت مۇھىتى بىلەن ئىقتىسادى زور دەرىجىدە پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

  ۋايلېنىڭ كۆرسىتىشىچە، لىۋان سۈرىيە خەلقنىڭ چېگرا ئىچىگە كىرىش يولىنى توسۇپ قويمىغان، ئەمما ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ياردەم بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج ئىكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ئاممىنى ئسىتاتىستكىلىغىنىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سۈرىيەدىن چىقىپ كېتىدىغان مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمى سانى 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن لىۋان سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئەڭ كۆپ پاناھلىنىدىغان جاي بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە، لىۋاندىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 265 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە