- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇلغارىيە تەرىپىدىن قوغلاندى
2013.02.18 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) ۋەكىللەر ئۆمىكى 15-فېۋرال بۇلغارىيە تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، خاماس دائىرىلىرى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرھال كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى.
خاماسنىڭ رەھبىرى ئەخمەد باخار شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلغارىيىنىڭ بۇ قىلىقى پەلەستىنلىكلەرنى كەمسىتكەنلىك. باخار مۇنداق دېدى: بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي تىرىلمىدۇرچىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان.
بۇلغارىيەدىكى بىر تەتقىقاتخانا ئورگىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خاماسنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئۈچەيلەن 13-فېۋرال بۇلغارىيىگە بېرىپ زىيارەتتە بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، 15-فېۋرال بۇلغارىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇيۇقسىز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنىڭ دەرھال بۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئايرودرومغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىققان.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى خاماسنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتتى. بۇ خاماس خادىملىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتتىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى. ئۆتكەن يىلى يانۋاردا خاماس خادىملىرى شۋېتسارىيىدە زىيارەتتە بولغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە