- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش پاراخوت ئەترىتى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئۈچ دېڭىز مىلى تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ باردى
2013.02.18 14:23 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت دېڭىز–ئوكيان ئىدارىسى تارقاتقان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ، 15-فېۋرال سائەت 8 ئەتراپىدا ئېلىمىزنىڭ دېڭىزنى نازارەت قىلىش 50-، 60-، 137-پاراخوت ئەترىتى جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىق چارلاش ئېلىپ بارغان .
15-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:21 دە ، جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش دياۋيۈ ئارىلىنى چارلاش ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىش پاراخوتى بولغان 50-پاراخوت ئەترىتى جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ دياۋيۈ ئارىلىنىڭ 12 دېڭىز مىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بارغان .
ئېلىمىزنىڭ دېڭىزنى نازارەت قىلىش ئەترىتى دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىش جەريانىدا ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئۈستى ئامانلىقنى ساقلاش ۋازارىتىنىڭ قانۇنسىز كىرگەن نۇرغۇن چارلاش كېمىلىرى ئەگىشىۋالغان . ھوقۇقنى قوغداش قانۇننى ئىجرا قىلىش خادىملىرى ئېلىمىز دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن ياپونىيە تەرەپ كېمىلىرىنى كۈزىتىپ ئىسپات ئېلىۋالغان ھەمدە ‹‹ ب د ت دېڭىز–ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى ›› ۋە ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگرىداش رايون قانۇنى ›› قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇلارنى يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان .
دياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز قۇرۇقلۇق بوسۇغۇسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ ، دياۋيۈ ئارىلى ، سېرىق قۇيرۇق كىچىك ئارىلى ، قىزىل قۇيرۇق كىچىك ئارىلى ، جەنۇبىي كىچىك ئارال ، شىمالىي كىچىك ئارال قاتارلىق كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 6.3 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . دياۋيۈ ئارىلى قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى .
جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش 50-پاراخوت ئەترىتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ، دياۋيۈ ئارىلىدىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە مېڭىپ ، ئىچكى سۇ ئارقىلىق ئاندىن شىمالىي كىچىك ئارال ، جەنۇبىي كىچىك ئارال قاتارلىق قوشۇمچە ئاراللارنى بويلاپ ، ئارالنى ئايلىنىپ چارلاش ئېلىپ بېرىپ ، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن . 2012–يىلى 9–ئايدىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ دېڭىزنى نازارەت قىلىش پاراخوت ئەترىتى دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئاراللاردا نورمال ھالەتتىكى ھوقۇقنى قوغداپ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇپ كەلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە