باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەشكە 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ

2013.02.17 13:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 200 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىدىكەن.

  ئۇنىڭ ئىچىدە، 200 مىليون يۈەن 7000 ئاھالىنىڭ خاتىرجەم ماكانلىشىشىغا ئىشلىتىلىدىكەن؛ 20 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ قوتان ياسىشى ئۈچۈن 150 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 30 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھويلا-ئارام ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ياردىمى ئۈچۈن 150 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 20 مىڭ ئاھالىنىڭ مال-چارۋا سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 100 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 30 مىڭ ئاھالىنىڭ 3 مىليون دانە ئۆي قۇشلىرى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 40 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ 100 مىڭ مو باغ-ئورمان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 20 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 8000 نامرات ئاھالىنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۈرۈشى ئۈچۈن 24 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 10 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن 230 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ 210 مىڭ قېتىملىق نامرات ئاھالىلەرنى ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىھەلىك ئېتىز-ئېرىق، سۇ ئىشلىرى، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە 436 مىليون يۈەن ياردەم قىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت-ئوبلاستنى مەركەز قىلغان ئالاھىدە نامرات رايون ۋە باشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان نامرات ناھىيە، تاغلىق رايونلاردىكى 623 نامرات كەنت نۇقتىلىق ھالدا يۆلىنىدىكەن. پىلان بويىچە 210 مىڭ نامرات دېھقان-چارۋىچى نۇقتىلىق تەربىيەلىنىپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 810 يۈەن ئاشۇرۇلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، 1 مىليارد 390 مىليون يۈەنلىك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەبلىغى جاي-جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ نەقلەشتۈرۈلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خەلق تۇرمۇشى نامراتلارنى يۆلەش تولۇقلىما تۇرى بۇ يىل 30-ئۆكتەبىر پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە