- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەرمىنىيە پىرېزىدېنت سايلىمى 18-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.02.18 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
ئەرمىنىيەنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى سېرج سارگاسيان
|
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئەرمىنىيە پىرېزىدېنت سايلىمى 18-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەرمىنىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى 16-فېۋرال پايتەخت يېرېۋاندا مۇنداق دېدى: ئىككى مىليون 500مىڭ سايلىغۇچى تىزىمغا ئالدۇردى، ئۇلار 18-فېۋرال پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن ئاۋاز بېرىش پونكىتىغا بېرىپ ئاۋاز بېرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرمىنىيە 620دىن ئارتۇق خەلقئارا كۆزەتچىنى ئاۋاز بېرىشنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئەرمىنىيە مەملىكەت ئىچى جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىرقى پىرېزىدېنت بارلىق سەككىز نامزات ئىچىدە روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئۇنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىدىن ئۈمىد بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە