باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بەش يىلدا 357 مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2013.02.21 17:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ناھىيە دەرىجىلىك چوڭ مەمۇرىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىدۇ مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 357 مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ تۈرنىڭ 213ى ئىقتىساد تۈرىكەن؛ 527 تۈر تەڭشىلىپ، بۇ تۈرنىڭ 372سى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن، 92سى باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلىنغان، 63ى يۆتكەپ باشقۇرۇلغان بولۇپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىسادىي ئۇچۇر كومىتېتى، مالىيە، يەرلىك باج، قاتناش ۋە يېزا ئىگىلىك قاتارلىق 21 تارماققا چېتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي تەستىقنى ئاددىيلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىسى تۆۋەندىكىدەككەن: بىرىنچىدىن، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئۈچ نۇقتىلىق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان، يەنى ئومۇمەن بازار ۋە جەمئىيەتتە ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان تەستىق تۈرلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئومۇمەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىشلارنى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قەتئىي يۆتكەپ بەرگەن، ئومۇمەن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئادا قىلالايدىغان فۇنكسىيەلىك ئىشلارنى قەتئىي چۈشۈرۈپ بەرگەن؛ ئىككىنچىدىن، ھوقۇقنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، ھوقۇقنى ئاشكارا، ئادىل يۈرگۈزۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتكەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئىلگىرىكى تەستىققا ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىشقا سەل قاراش، باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇلازىمەتكە سەل قاراش، ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتكە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا تەستىقلاش، مۇلازىمەت قىلىش مۇنبىرىنى ئاكتىپ قۇرغان؛ تۆتىنچىدىن، ھوقۇق بېرىش، ھاۋالە قىلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھوقۇق بېرىپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىگە دائىر 262 تۈرلۈك كاتالوگىنى تۈزۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بازار، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرگە كىرىشىنى قوللىغان.ئۆتكەن يىلى 10 – ئايدا، گوۋۇيۈەن ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ <12 – بەش يىل>دا مەمۇرىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئاۋۋال سىناق قىلىشىغا سالغان تەستىقى››نى رەسمىي چۈشۈردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بۇ يىل يەنە ناھىيە دەرىجىلىك چوڭ مەمۇرىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، 2015 – يىلى ھەر دەرىجىلىك تەستىق ئىشلىرىنى %40تىن كۆپرەك قىسقارتىپ، تەستىق بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش مۇددىتىنى ئومۇميۈزلۈك %50 ئەتراپىدا قىسقارتماقچى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە