باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەن جەن بىلەن كۆرۈشتى

2013.02.26 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 25-فېۋرال، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن ۋە زىيارەت ئۆمىكىدىكى تەيۋەنلىك ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەيۋەن بۇغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى قوغدىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېرىنداشلار تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈلدى. بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پۈتكۈل مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېرىنداشلار تومۇرداش بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى. چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ كۆپ قېتىم تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەختى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بىز تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت ۋە فاڭجېنلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىرلا جۇڭگو بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. (مۇخبىر سۇن لىجى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە