باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلار خەلق تۇرمۇشى ساھەسى مەبلىغىنى كۆپەيتتى

2013.02.26 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا جايلار ئارقا-ئارقىدىن 2013-يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنىڭ زور كۆلەمدە كۆپىيىشى. يېڭى بىر يىلدا پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

  بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان 227مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش پىلانىدا بەشتىن بىر قىسىم مەبلەغ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىندۇ، مۇھىم نۇقتىسى- پۇقرالارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىش. قاتناشلا ئەمەس بۇ يىل بېيجىڭنىڭ مەبلەغ پىلانىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشكە سېلىنغان مەبلەغ 44مىليارد 800مىليون يۈەنگە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەبلىغى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 55 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.

  شەندۇڭدا بۇ يىل ھۆكۈمەت ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولىدۇ. بۇ يىل يېڭىدىن 80مىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش كارىۋىتى كۆپەيتىلىپلا قالماستىن، يېڭىدىن 200يەردە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇلىدۇ. مەيلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈشى ئاپپاراتى بولسۇن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كارۋاتلار 4500يۈەندىن 6500يۈەنگىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  تىيەنجېندە يېڭى مەبلەغ سېلىش لايىھەسى كونا سۇ تۇرۇبىسىنى ئىشلىۋاتقان200مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئۈمىد بېغىشلىدى. لوجياڭ شەرقى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق جۈ سۈچىن چاغان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ ئۆزگەرتىشى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ كونكىرىت كۆلىمىنى كېلەر ئايدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، بۇ يىل مەركەزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىىدىغان مەبلەغ كۆلىمى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە