باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يۇلۇن سۇر ماددىسى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى كۈچەيتىدۇ

2013.02.25 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مارتتىن ئاپرېلغىچە ئىككى نۆۋەت يۇلۇن سۇر ماددىسى ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ ئىممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ شۇ جاينىڭ يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللىغۇ بولماسلىق ھالىتىنى بىر يىلدىن كۆپرەك ساقلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق ئىممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇش پائالىيىتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىممونېت كۈچىنى ئاشۇرۇش پائالىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئىككى ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنى قاپلايدىكەن. 2009-يىلى 1-يانۋار تۇغۇلغان ۋاسىكا ئەملەنگەن كۈنى ئىككى ئايغا توشقان بالىلار قەيەردە تۇرۇشىدىن قەيەردە تۇغۇلۇشىدىن، ئىممونېت تارىخى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىردەك يۇلۇن سۇر ماددىسى ۋاكسىنىسى ئەملىنىدىكەن. قىزىپ قېلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملىيەلمىگەن بالىلار تىزىملىنىپ، مۇۋاپىق ۋاقتتا ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىممونېت كۈچىنى كۈچەيتىشكە، شەھەر بازارلار تۇتاشقان جايلار، گەرەج، چەت ياقا نامرات قىيىنچىلىقى بار چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا ئېغىزلىرى كېسەللىكتىن ساقلىنىش مۇھىم رايونى قىلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012-يىلى ئۆكتەبىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ ئاخىرقى بىمار دوكلاتى ئىلان قىلىنغىنىغا بىر 12 ئاي توشقان، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ، يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغى بولماسلىق ھالىتى غەلىبىلىك ساقلاپ قېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە