باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ‹‹يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش چارىسى›› 1-مارتتىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2013.02.28 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
  ‹‹ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش چارىسى › (تۆۋەندە ‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى› دەپ ئېلىنىدۇ)›› ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39-قېتىملىق يىغىنىدا تەستىقلانغان بولۇپ ، 1-مارتتىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن .

  26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ›› نى تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

  ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ›› جەمئىي بەش تۈرلۈك بولۇپ ، ئۇنىڭدا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش لايىھەسى ، يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ، ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش ، يەر تەرەش ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇش ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېنىقلىما بېرىلگەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن . 2012-يىلى ، شىنجاڭدا 11 قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 272 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە