باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تۆت باش ئىشتابى بىرلىشىپ ‹‹بەلگىلىمە›› تارقاتتى

2013.02.27 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادچانلىقنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خىراجەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئازادلىق ئارمىيە باش ئىشتابى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ بۆلۈمى، باش قورال – ياراغ بۆلۈمى يېقىندا بىرلىشىپ ‹‹ئىقتىسادچانلىقنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خىراجەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىش بەلگىلىمىسى››نى تارقىتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى بويىچە پۇل خەجلەپ ئىش بېجىرىش، خىراجەت تەقسىماتى ۋە تەستىقىنى چىڭىتىش، زۆرۈر بولمىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تىزگىنلەش، مەركەزلىك سېتىۋېلىش، مەركەزلىك چىقىم قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يىغىن، يىغىپ مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈۋېلىش چىقىمىنى قاتتىق باشقۇرۇش – تىزگىنلەش قاتارلىق 17 كونكرېت بەلگىلىمە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ‹‹بەلگىلىمە›› مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۆز ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ‹‹ئون بەلگىلىمە›› بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى، ‹‹بەلگىلىمە››دە ‹‹قايسى پۇلنى خەجلىگىلى بولىدۇ، قايسى پۇلنى خەجلىگىلى بولمايدۇ›› دېگەن مەسىلە نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  پۇل خەجلەپ ئىش بېجىرىش مەنبەسىنى چىڭىتىپ، خىراجەت يۈزلىنىشى ۋە مىقدارىنى ‹‹جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە يېڭەلەيدىغان›› بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇچۇرلىشىش قۇرۇلۇشى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا قورال ئۈسكۈنە قۇرۇلۇشى، يېڭىچە جەڭ كۈچى قۇرۇلۇشى، ئەمەلىي ئۇرۇش خاراكتېرىدىكى ھەربىي مەشىق، يېڭى ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سىياسەت، تۈزۈمنى تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۆلچەملىك تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۆلچەر باشقۇرۇشىنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، تەكرار قۇرۇش، ھەشەمەتلىك، بۇزۇپ – چېچىپ ئىسراپ قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى.

  ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى، مەركەزلىك سېتىۋېلىش، يىغىن زىياپىتى، خاتىرىلەش، تەبرىكلەش مۇراسىمى، خامچوتتىن سىرت خىراجەت كىرىم – چىقىمى، ئەرزان، قولايلىق ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە چىقىش، ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قاتارلىق مالىيە تۈرلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پۇلنى ئۆلچەم، تەرتىپ، ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە باشقۇرۇپ ۋە ئىشلىتىپ، خىراجەت چىقىم ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مالىيە باشقۇرۇشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكىتلەندى.

  ‹‹ھەميان››نى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەبلەغ چىقىمى، راسچوت ئاتچوتى قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ ئىسچوت ئۆزگىرىشى ۋە مەبلەغ ئېقىمى ئەھۋالىنى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھەرىكەت ھالەتتە نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى كارتىسى مەجبۇرىي راسچوت مۇندەرىجىسى باشقۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، نەق پۇل ئىشلىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، پۇل ۋە بايلىققا ئىگە بولۇشتەك ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي توسۇش تەلەپ قىلىندى.

  تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، مالىيەنى دائىم نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەتبىقلاش ۋە ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جازالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، مالىيە قانۇن تۈزۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش، چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  تۆت ئىشتاب ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئىقتىسادچانلىقنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خىراجەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، سېلىشتۇرما تەكشۈرۈشنى قەرەللىك ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە