خۇبېينىڭ لاۋخېكوۋ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلۈپ، 7 ئادەم يارىلاندى
2013.02.28 16:07 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورىنىڭ 27-فېۋرال ۋۇخەندىن بەرگەن خەۋىرى، خۇبېي شياڭياڭ لاۋخېكوۋ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 27-فېۋرال ئەتىگەن دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلگەن، 7 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.
لاۋخېكوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 27-فېۋرال سائەت 6دىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، لاۋ خېكوۋ شەھىرى شۆجى بازىرى چىنجى باشلانغۇچ مەكتىپىدە قىستىلىش سەۋەبىدىن دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 11 ئوقۇغۇچى يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر يارىلانغان 4 ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە