باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر، قورغاس تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2013.02.28 13:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹3 – ئايدا شياڭگاڭدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئاچىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شېنجېن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كېڭىشىش بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق بولغان ئىش باشلاش تۈرلىرى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەيمىز››، دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يانۇڭ. بۇ پائالىيەت قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ بۇ يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ تۇنجى دولقۇنىنى قوزغىغۇسى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››نى تارقاتتى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسى، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تاقاتتى.

  ھازىر قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 946 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش – سۇ چىقىرىش، توك، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 622 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شەرقىي شەھەر رايونىنىڭ يول تورى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلارنىڭ بۇ رايونلارغا ئارقا – ئارقىدىن ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىستېرېئولۇق ‹‹ئالاھىدە رايون›› ئوبرازى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. بۇلتۇر قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 2 مىليارد 602 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %126.3 ئاشۇردى. جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە جەمئىي 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 18 تۈر ماكانلىشىپ، ھازىر جەمئىي 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 14 كارخانىنى كىرگۈزدى، ئون كارخانا ئىش باشلاپ، 1 مىليارد 145 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.

  ئاپتونوم رايون 21 – فېۋرال چاقىرغان ‹‹ئىشنى باھاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى، ئۇلار مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا چېتىشلىق سەككىز جەھەتتىكى سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، تۈزۈم، مېخانىزمدا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  قورغاستا ئون نەچچە يىل ئۇششاق تاۋار سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋاڭ چيۇمېي ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹ھازىر بۇ يەرگە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بىنالارمۇ كۆپلەپ سېلىنىۋاتىدۇ، قورغاسنىڭ قىياپىتىدە ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىش بولماقتا، بۇ يەرگە قايتا كەلگەن بەزى كىشىلەرمۇ بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ماڭا ئوخشاش تەسىراتتا بولدى››، دېدى. (چېن چياڭۋېي، دۇڭ شاۋخۇا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە