باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر ۋە يېزىلاردا ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلاش تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى

2013.02.28 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سايلام قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2012-يىل 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2013-يىل 1-ئايغا قەدەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 35 سايلام ئورنىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2987 نەپەر ۋەكىلى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى.

  بۇ سايلامدا 2010-يىلى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن شەھەر ۋە يېزىلاردا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلاش تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى. سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى قانۇن بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سايلام خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. سايلام نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى، ھەرقايسى رايونلار، مىللەتلەر ۋە ھەر ساھەدىن مۇۋاپىق ساندىكى ۋەكىللەر ۋۇجۇتقا كەلدى، بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى روشەن ئاشتى، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ سانى زور نىسبەتتە ئاشتى، ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىق ۋەزىپىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سانى روشەن تۆۋەنلىدى، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە