باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ش ئۇ ئا ر دا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ش ئۇ ئا ر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى

2013.02.27 14:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 21 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى، ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پىكىر – تەكلىپ بېرىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يەنىمۇ قوللىشى ۋە ھەل قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە خەلق رايىنى ئىگىلەپ، تەكلىپ لايىھەسى يېزىشقا تەييارلىق قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىمىز، بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى دۆلەت قاتلىمىدىن مۇرەسسە قىلىشقا ۋە ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇش، پىكىر بايان قىلىش، ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ ۋە مۇراجىئەت قىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىدىن، يىغىن مەزگىلىدە ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى تونۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭنى قوللىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر