باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2013-يىلى 25 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 100نى يولغا قويىدۇ

2013.02.19 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىندا 2013-يىللىق شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ماقۇللاندى. يىغىندا 2013-يىلى 25 تۈردە 100 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  2011-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇدا ئىككى يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مۇھىم چوڭ ئىش تۈرى «قۇرۇلۇشلاشتۇرۇش» شەكلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان 25 تۈرلۈك 90 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى يىللىق كۆزلەنگەن پىلان نىشانىدا ئورۇنلىنىپ بولدى، ئۇنىڭ %70تىن كۆپرەكىدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش تاماملاندى.

  بۇ يىلقى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. داۋاملىق سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرىدىن باشقا يەنە يېڭىدىن 18 تۈر كۆپەيتىلدى، بۇ 13 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا شىنجاڭ مەركەز، دۆلەت تارماقلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ مالىيەسدىن 18مىليارد 100مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا بىر مىليارد 300مىليون يۈەن كۆپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە