- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن ۋەكىلى: يادرو سىنىقى كورىيەنى ھالاكەتكە باشلايدۇ
2013.02.21 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:كورىيە KBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ۋەكىلى شۇ يەر ۋاقتى 19-فېۋرال شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر قىسقارتىش سۆھبىتى يىغىنىدا ئۈچىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى قەتئىي تىلغا ئالمىغان ھەمدە كورىيەنىڭ ئۆزگىرىشچان قىلمىشى ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا ھالاكەتكە باشلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى جىن يىڭلوڭ شۇ يەر ۋاقتى 19-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر قىسقارتىش سۆھبىتى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان دۈشمەنلىك ھەرىكىتى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ، چاۋشيەن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدۇ دېگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە