باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىللىق ساختا ناچار دورا ياساش، سېتىش تىپىك دېلولىرى ئېلان قىلىندى

2013.02.21 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى تۈنۈگۈن 2012-يىللىق ساختا ناچار دورا ياساش، سېتىش تىپىك دېلولىرىنى ئېلان قىلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىككى تارماق ئۆتكەن يىلى ساختا دورا ياساش، سېتىش دېلوسىدىن 14مىڭدىن كۆپرەكنى پاش قىلغان، دېلو قىممىتى 16مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن، دېلوغا چېتىشلىق 20مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئىككى تارماق ئېلان قىلغان تىپىك دېلو ئىچىدە خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كاپسۇل دېلوسىدا گۇمانلىق 228 ئادەم قولغا ئېلىنغان، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى. ھايۋانات يېلىمى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 28ى ، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىنىڭ 94 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەكشۈرۈپ پېچەتلەنگەن.

  دۆلەتلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ساختا دورىلارنى ياساش، سېتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل- قارا ئىشلەپچىقىرىش ئۇۋىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىق قىلىش، پوچتا يولى ئارقىلىق دورىنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ، دېلو سادىر قىلىشى كۈنسېرى پەن-تېخنىكىلاشقان، گۇرۇھلاشقان، يۇشۇرۇنلاشقان.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ساختا دورا ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، كۆپ تارماق، رايون ئاتلاش، ھەر قايسى جەھەتتىن بىرلىشىپ زەربە بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىش بىلەن توردا پاش قىلىش، ئۈچۈر يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە