يېرىمدىن كۆپرەك دورا توپ تارقىتىش كارخانىسى شاللاشقا دۇچ كەلدى
2013.02.20 16:36 مەنبە: خەلق تورى
دۆلىتىمىزدە ھازىر دورا توپ تارقىتىش كارخانىسى 13 مىڭغا يىتىدۇ، پارچە سېتىش كارخانىسى 42 مىڭدىن ئاشىدۇ. دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى گوچىڭ مۇنداق دېدى: «توپ تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ سانى زىيادە كۆپ، گەرچە يېڭىدىن تۈزۈلگەن GSP ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، ئىجازەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 10 مىڭدەك كارخانىنى شاللىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، قېپقالغان 3000 كارخانا، ھەتتاكى 1000 كارخانىمۇ بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، دورا بۇيۇملىرىنىڭ قولايلىقلىقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.»
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە