باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ئاياللاردىن ئالاھىدە خادىم قوبۇل قىلدى

2013.02.18 15:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ھوجۇم قوزغاشقا قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئايال ئالاھىدە خادىملىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنى چېنىقتۇرۇپ ئالاھىدە قىسىمغا قاتناشتۇردى.

  ئافغانىسان تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئايال ئالاھىدە خادىمى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى چېنىقتۇرغان. ئۇلار ئايال ئالاھىدە خادىملارنى كىچىدە تېررورچىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدۇرماقچى ئىكەن. بۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يىراق چەت رايۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇھىم بىر تىرىشچانلىقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمى كېچىدە تېررورچىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قوزغىغاندا بىر قىسىم گۇناھسىز ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بەزى بىر سۈركىلىشلەر پەيدا بولغان.

  تېررورچىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يەنە سۈركىلىش پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كارزايى ھۆكۈمىتى قارار قىلىپ ئايال ئالاھىدە خادىمى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنى چېنىقتۇرۇپ ئالاھىدە قىسىمغا قاتناشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن پايدىلىنىپ تېررورچىلارنىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى تۇرالغۇدىن ئايرىش، ئۇندىن كىيىن تۇرالغۇغا ھوجۇم قىلىش. بۇنداق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ئاياللار بىر قەدەر ماس كىلىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئاسانلا گۇمانىنى قوزغاپ قويمايدۇ. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا تازلاش ئېلىپ بارىدىغان رايۇنلارنى بىكىتىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئافغانىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇيغۇسىنى پەسەيتىش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە