- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سىچۈەن ئۆلكىسى چوڭجوۋ شەھەرلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى
2013.02.18 14:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ ج ك پ چوڭجوۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە ، سىچۈەن ئۆلكىسى چوڭجوۋ شەھەرلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كې جيەنگو 17-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن .
كې جيەنگو بۇ يىل 45 ياشتا بولۇپ ، ئىلگىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا بوغالتىر بولغان ، 1995-يىلى ئومۇمىي نومۇردا بىرىنچى بولۇپ ، سىچۈەن ئۆلكىسى چوڭجۇۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن . 2001-يىلى ئۇ سىچۈەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىسى تەرىپىدىن ‹‹3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ›› دەپ ئەنگە ئېلىنغان ، 2005-يىلى ‹‹چوڭجۇۋ شەھىرىدىكى 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى ›› بولۇپ باھالانغان ، چېڭدۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ‹‹3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ›› دەپ خاتىرىلەنگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، چوڭجۇۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ، ئۇ دۆلەت ئاشلىق زاپاس ئامبىرىنىڭ سابىق مۇدىرى جياڭ خۇيجېننىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىنى ، چوڭجۇۋ شەھەرلىك 2-يېنىك سانائەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ گۇيجوڭنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان .
نۆۋەتتە، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى كې جيەنگونىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە