باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرى پالائۇ جۇمھۇرىيتىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى

ئەينى چاغدا ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى

2013.02.17 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېڭى زىنلاندىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، پالائۇ جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى رېمېنگېسۇ (Remengesau) نىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۆت يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر ئەردىن بىرسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يوقاپ كەتكەن «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ ئىسمى ئادىل نۇرى بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يوقاپ كەتكەن، ئۇنىڭ پاسپورتى يوق بولۇپ، نەگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  پالائۇدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن نۇرى بۇرۇن پالائۇدىكى رايونلۇق ئىنىستىتۇتنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ، ئىشقا كەلمىگىلى ئىككى ئاي بولغان. نۇرى ياپونىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى دەپ قارالغان، ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئېيتقان.

  جۇڭگو ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىن «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىسانپەرۋەرلىكنى كۆزدە تۇتتۇق» دېگەننى باھانە قىلىپ رەت قىلغان. ئامېرىكا ئاخبارات بىرلەشمىسى 14-فېۋرال « شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرىنى پالائۇغا ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەت ۋاقىتلىق، ئەمما تۆت يىلدىن بۇيان توختىماي مەسىلە كۆرۈلىۋاتىدۇ، دېگەن. پالائۇمۇ بۇ «يۈك» تىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇ كىشىلەرگە يېڭى تۇرار جاي تېپىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ جەڭگە قاتناشقانلىقىغا جاۋاب بەردى

  ليۇ ۋېيمىن: «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تەھدىت

  ج خ مىنىستىرلىقى ئالتە نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» تېررورچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تېرورچىلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

  بىرمۇدا تاقىم ئارىلىدىكى گولف توپ مەيدانى«شەرقىي تۈركىستان»مەھبۇسلىرىنى قوغداش خادىمىلىقىغا ياللىغان  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە