- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋېنېسئۇئېلا چاۋىسنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
2013.02.17 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ۋېنېسئۇئېلا ھۆكۈمەت تورى 15-فېۋرال چاۋىسنىڭ يېقىندا تارتىلغان تۆت پارچە سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، چاۋىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۆسەك سۆزلەرگە رەدىيە بەردى.
ۋېنېسئۇئېلا جەنۇب رادىيو ئىستانسىسى 15-فېۋرال خەۋەر بېرىشىچە، ئەمدىلا كۇبادىن قايتىپ كەلگەن ۋېنېسئۇئېلا تېخنىكا –سانائەت مىسنىتىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، چاۋىسنىڭ كۈيئوغلى جورجى ئارېزا (Jorge Arreaza) شۇ كۈندىكى سۆھبەت پىروگراممىسىدا چاۋىسنىڭ 14-فېۋرال تارتىلغان تۆت پارچە سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان. سۈرەتتە، چاۋىس ئىككى قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ 14-فېۋرال نەشىر قىلىنغان كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى«گرەنما» (Granma) نى كۆرۈۋاتقان بولۇپ، يۈزى ئىششىپ قالغان، ئەمما رەڭگى رويى ياخشى، قارىماققا روھلۇق كۆرۈنىدىكەن.
ئەنگىلىيە رادىيو ئىستانسىسى 15-فېۋرال مۇنداق دېگەن: « ۋېنېسئۇئېلا ھۆكۈمىتى چاۋىس كۇباغا بېرىپ ئوپراتسىيە قىلىنغان 2 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، چاۋىسنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، خەلقنىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن كەيپىياتىغا تەسەللىي بېرىشنى مەقسەد قىلغان.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:
ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى: چاۋىس سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قىلماقتا
كۇبادا داۋالىنىۋاتقان چاۋىس تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، «كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان»لىقى توغرىسىدىكى ئۆسەكلەرگە رەددىيە بەردى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە